ﺑﺎﺵ ﺑﻪﺕ ﯻﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﺨﻪﺕ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯨﺘﺎﻟﻼﺭ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﻯ | ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ
ﻳﯘﻟﻐﯘﻥ ﺗﻪﻫﺮﯨﺮﻟﯩﮕﯜﭼﻨﯩﯔ 1.6-ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﯻﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﻯ.

2005 - ﻳﯩﻠﻰ 12 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 1 - ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯘﻟﻐﯘﻥ ﺗﻪﻫﺮﯨﺮﻟﯩﮕﯜﭼﻨﯩﯔ 1.6-ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﯻﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ.

ﺗﯜﺯﯛﺗﯜﺷﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﯧﯖﻰ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻻﺭ ﺗﯚﯞﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ:

1. ﺗﻮﺭﺩﯨﻦ ﻳﯧﯖﻰ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﻳﯧﯖﯩﻼﺵ ﺋﯩﻘﺘﺪﺍﺭﻯ ﻗﻮﺷﯘﻟﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﻯ «ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ» ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﻜﻰ «ﺗﻮﺭﺩﯨﻦ ﻳﯧﯖﻰ ﻧﯘﺳﺨﺎ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ» ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻚ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﯧﯖﻰ ﻧﯘﺳﺨﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯗ. ﺗﻪﻫﺮﯨﺮﻟﯩﮕﯜﭼﻤﯘ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﺎﺗﯩﻚ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ.

2. ﺋﯩﻤﻼ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺳﯚﺯﻟﯜﻙ ﺳﺎﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ 100 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ 160 ﻣﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﻟﺪﻯ.

3. ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻫﯚﺟﺠﻪﺗﻨﻰ ﺗﻪﯓ ﺗﻪﻫﺮﯨﺮﻟﻪﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﻗﻮﺷﯘﻟﺪﻯ. ﻳﻪﻧﻰ Tab ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻫﯚﺟﺠﻪﺗﻨﻰ ﺗﻪﯓ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺗﻪﻫﺮﯨﺮﻟﻪﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

4. ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻫﯚﺟﺠﻪﺕ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﻰ ﻗﻮﺷﯘﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻚ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﻫﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯧﭽﯩﺸﻘﺎ ﺋﻮﯕﺎﻳﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﺪﯗﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

5. ULY ﺩﺍ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺷﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﯜﺯﯛﺗﯩﻠﺪﻯ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ﭼﻮﯕﭽﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﻻﺗﯩﻨﭽﻪ ﻫﻪﺭﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﭘﯧﺘﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ.

6. «ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺭﺍﻳﯘﻧﺪﺍ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ» ﺗﻪ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻗﯘﺭ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﺴﻪ ﻗﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﺗﯜﺯﯛﺗﯩﻠﺪﻯ.

7. «ﺧﺎﺳﻠﯩﻖ» ﺗﺎ ﺋﯩﻤﻼ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻛﯚﺯﻧﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﺕ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﻗﻮﺷﯘﻟﺪﻯ.

8. ﺋﯩﻤﻼ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻫﻪﺭﭖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻧﯩﻼ ﻛﯚﺭﺳﯜﺗﯜﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﯩﻤﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﻛﯚﺭﺳﯜﺗﯜﺵ «ﺧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﺎﻟﻼﺵ» ﺗﺎ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﺷﯘﻟﺪﻯ.

9. ﺳﯩﻼﯞﯨﻴﺎﻥ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭ ﻗﻮﺷﯘﻟﺪﻯ.

10. GlobalWriter ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﻫﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﯞﻩ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﺎﭘﻼﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﻗﻮﺷﯘﻟﺪﻯ.

11. ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﻳﯧﯖﯩﻼﻧﺪﻯ.

ﻛﻮﻧﺎ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯧﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺴﯖﯧﺰ، ﺑﯘ ﻳﯧﯖﻰ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﯔ. ﺑﯘ ﺗﻪﻫﺮﯨﺮﻟﮕﯜﭼﻜﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻳﯘﻟﻐﯘﻥ ﺗﻪﻫﺮﯨﺮﻟﯩﮕﯜﭼﻨﯩﯔ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﯪﻻﻻﻳﺴﯩﺰ:
http://www.yulghun.com/editor

ﻳﯘﻟﻐﯘﻥ ﯬﺗﺮﯨﺘﻰ | 2019-2004 © | The Yulghun Team