ﺑﺎﺵ ﺑﻪﺕ ﯻﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﺨﻪﺕ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯨﺘﺎﻟﻼﺭ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﻯ | ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ
ﻳﯘﻟﻐﯘﻥ ﺋﯧﻠﺨﻪﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﯩﻤﯩﺴﻰ ﻳﯧﯖﯩﻼﻧﺪﻯ.

ﻳﯘﻟﻐﯘﻥ ﺋﯧﻠﺨﻪﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﻣﻤﯩﻐﺎ ﺋﯧﭽﯩﯟﯨﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻠﯩﻘﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﺸﻜﻪ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﺰ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯧﻠﺨﻪﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻼﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ.

ﺷﯘ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻟﻐﯘﻥ ﺋﯧﻠﺨﻪﺕ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﻫﯧﻴﺖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﯖﯩﻼﻧﺪﻯ. ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻻﺭ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ:

1. ﻫﻪﺭﺧﯩﻞ ﺗﯧﻜﯩﺴﺖ ﯞﻩ HTML ﺗﯩﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﻠﺨﻪﺕ ﺋﻮﻗﯘﺵ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺋﯧﻠﺨﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﺪﻯ.
2. ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻫﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ
3. ﺋﺎﺩﺭﯦﺲ ﺩﻩﭘﺘﯩﺮﻯ
4. ﺧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﺎﻟﻼﺵ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺑﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺩﺍﻧﻪ ﺋﯧﻠﺨﻪﺕ ﻛﯚﺭﺳﺘﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﺎﻟﻼﺷﻼﺭ ﺑﺎﺭ.
5. ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺑﻮﺷﻠﯘﻕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﻗﻮﺷﯘﻟﺪﻯ.
6. ﺧﻪﺕ ﺳﺎﻧﺪﯗﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﺵ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ.

ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯧﻠﺨﻪﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺑﺎﺵ ﯪﺩﺭﯦﺴﺘﺎ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯗ:
https://mail.yulghun.com

ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯘﻗﺘﯩﻼﺭ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ:

1. ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺋﯩﺴﯩﻢ، ﭘﺎﺭﻭﻝ، ﺧﻪﺕ ﺳﺎﻧﺪﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯧﻠﺨﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯧﮕﻪ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻻ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﻩﻳﺪﯗ. ﻛﻮﻧﺎ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﺎ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﯪﺩﺭﯦﺴﺘﺎ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯗ:
https://mail.yulghun.com/old

ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯧﻠﺨﻪﺗﻠﻪﺭ ﻫﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﯩﺪﻩ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯩﻠﺨﻪﺕ ﺳﺎﻧﺪﯗﻗﻰ ﻗﯘﺭﺳﯩﯖﯩﺰ ﻫﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﯩﺪﻩ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯧﮕﻪ. ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﻩ، ﺋﯧﻠﺨﻪﺕ ﯞﻩ ﺧﻪﺕ ﺳﺎﻧﺪﯗﻗﻠﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﯞﻩ ﻛﻮﻧﺎ ﺋﯧﻠﺨﻪﺕ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﺪﺍ ﺑﯩﺮ. ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺸﻠﻪﺭ ﻫﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.

2. ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ Unicode ﻧﯩﯔ ﯪﺳﺎﺳﻰ ﺭﺍﻳﯘﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺧﻪﺕ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﻗﺎﭼﯩﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﯘﺗﯧﺮﻻﺭﺩﺍ ﻳﺎﻛﻰ Windows 98 ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﻮﻧﺎ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻼﺭﺩﺍ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺸﻰ ﻧﺎﺗﺎﻳﯩﻦ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﺪﺍ ﺋﻪﮔﻪﺭ Windows 98 ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﯖﯩﻼﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻛﻮﻧﺎ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺳﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯩﻤﻜﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ Windows 2000 ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻼﺭﻏﺎ ﻛﯚﭼﯜﺷﻨﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. Windows 2000/XP ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯧﯖﯩﺮﺍﻕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻼﺭﺩﺍ ﺧﻪﺕ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﯞﻩﻳﺎﻛﻰ ﺧﻪﺕ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﯩﺴﻪ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﭘﯩﺮﻭﮔﯩﺮﺍﻣﻤﺎ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺧﻪﺕ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻨﻰ ﯞﻩ Internet Explorer ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻫﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻴﺎﻻﻳﺴﯩﺰ:

http://www.yulghun.com/software/fontsetup.exe

ﯪﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﯧﯖﻰ ﯞﻩ ﻛﻮﻧﺎ ﺋﯩﻠﺨﻪﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯜﻣﯜﺩ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.

ﻳﯘﻟﻐﯘﻥ ﯬﺗﺮﯨﺘﻰ | 2019-2004 © | The Yulghun Team